Ben bir akıncıyım; mazlumların dostu, zalimin hasmıyım!

Adım Müslüman, Soyadım Doğu Türkistan, Ben Bir Akıncıyım…

Ben bir Akıncıyım.

Bu dert benim derdim.

Şiarım, mazlumun yanında zalimin karşısında olmaktır.

Zulme rıza gösteremem.

1974/1975 Eğitim döneminde Tokat’ta MTTB Başkanlığı yaptım.

Ben bir Akıncıyım.

6 Eylül 1980 tarihinde gerçekleştirdiğimiz, “Filistin Mitingi” başta olmak üzere merhum Necmeddin Erbakan hocamız hayatta iken düzenlenen bütün Filistin mitinglerinin ve hatta 2009 yılında İstanbul Çağlaya’nda yapılan, “Doğu Türkistan Urumçi Katliamını Protesto Mitingi” dahil mitinglerin teklifini yapmak ve mitinglerin tertip edilmesi  için önderlik etmek nasip oldu.

Çok şükür.

Siyaset yolculuğumu merhum Erbakan’la yaptım.

Ben bir Akıncıyım.

Akıncı Spocular Derneği Genel Başkanlığını yaptım.

Akıncı Gençler Derneği’nin kurucularındanım.

12 Eylül 1980 askeri müdahalesinde tutuklandım ve idamla yargılandım.

Dedim ya ben Akıncıyım!

Kırk gün bir metre kare dahi olmayan zifiri karanlık hücrede tutuldum.

On altı defa sorguya, işkenceye alındım.

Çin işkencesi yaptılar! Seni idam edecceğiz” dediler, “Allah ne dilerse o dur” dedim.

O karanlık günleri “Mamak Zindanlarında Bir Akıncı Tarihe Notlar” kitabımda geniş olarak anlattım.

Dedim ya adım müslüman, soyadım Doğu Türkistan!

Ben bir Akıncıyım!

Doğu Türkistan kan ağlıyor!

Türkiye’de ne kadar Doğu Türkistanlı muhacir var biliniyor mu?

Siz deyin kırk bin, ben diyeyim elli bin!

Doğu Türkistan’dan eğitim için Türkiye ye gelen doğu Türkistan’a dönemeyen bir hanım kızımız hocam: “Bizim Kaşgar’da evimiz köşk gibiydi.

Şimdi başımızı sokacağımız bir oda bile yok!

Doğu Türkistanlı kardeşlerimiz onurlu, mütevazı, samimi kardeşlerimiz kimseye derdini söylemekten içtinap ediyorlar!

Ramazan-ı şerifi fırsat bilin.

Onları görüp, gözetin.

Emniyet görevlileri!

Doğu Türkistanlı kardeşlerimizi korkutmayınız, sıkıştırmayınız!

Çoğunun kimliği yok.

Çoğunun oturum izinleri sorunlu, çoğunun vatandaşlığı yok!

Çocukları var, kimlikleri yok!

Eğitimleri zorluklarla dolu.

Dul ve yetimler var; kimsenin arayıp sormadığı!

Hakimler, savcılar! Karşınıza getirilen Doğu Türkistanlı kardeşlerimiz “muhacirdir” muhacirlerin hakları vardır, muhacirlerin hakkını gözetiniz!

Peygamberimiz de muhacir oldu, unutmayınız!

Peygamberimiz, Medine’ye hicret edince Medine halkı muhacir Peygamberimiz ve hicret arkadaşları ile ekmeklerini, aşlarını, varlıklarını paylaşmak için yarıştılar!

Siyasetçiler!

Doğu Türkistanlı kardeşlerimizin sıkıntılarını gideriniz!

Doğu Türkistanlı kardeşlerimize hiç zaman kaybedilmeden vatandaşlık verilmelidir.

Türkiye, müslüman Türk yurdudur. Türkiye’nin nüfus artış hızı s.o.s. vermektedir.

Doğu Türkistan muhaciri kardeşlerimizi Türkiye’den gitmelerini teşvik etmeyi bırakın, dünyanın neresinde olurlarsa olsunlar Doğu Türkistan muhacirleri Türkiye’ye davet edilmelidir.

Doğu Türkistanlı kardeşlerimiz, Türkiye’ye nüfus açısından can suyu olacaktır.

Dualarını alınız gönüllerini kırmayınız!

Muhacirin, mazlumun gönlünü kırmaya gelmez!

Mazlumla, Allah (cc) arasında perde yoktur.

Bunu unutmayın.

Doğu Türkistanlıları,

Arakan mazlum halkını,

Filistin Gazze ve Afrika mazlumlarını unutmayınız!

Ümmetin umudu, mazlumların umudu

Türkiye ve aziz milletimizdir.

Türkiye büyük devlettir.

Milletimiz hamiyetperverdir.

Buna tarih şahittir.

Bundan sonra da böyle olacaktır.

Ramazan-ı şerif mazlum kardeşlerimizin felaha ermesine vesile olsun.

Devletimiz, milletimiz dünya var oldukça var olsun.

Vesselam.

ئىسمىم مۇسۇلمان، فامىلەم شەرقىي تۈركىستان. مەن بىر ئاقىنچىمەن(چەۋەندازمەن).

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

شۇئارىممەزلۇمنىڭ يېنىدا، زالىمنىڭ قارشىسىدا بولۇش. زۇلۇمغا رازى بولالمايمەن.

1974–1975 ئوقۇش يىلىدا توكات شەھرىدە MTTB (مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى):  رەئىسى بولۇپخىزمەت قىلدىم.

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

1980-يىلى 6-سېنتەبىردە ئۆتكۈزگەن باشتا پەلەستىن چوڭ يىغىلىش بولۇپ، مەرھۇم ئەرباكان ئۇستدىمىزھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق پەلەستىن يىغىلىشلىرى، ھەتتا 2009-يىلى ئىستانبۇل چاغلاياندىكى«شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق يىغىلىشى»نىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى تەكلىپ قىلىنىش ۋەتەشكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى.

ئەلھەمدۇللىلاھ.

سىياسىي سەپىرىمنى مەرھۇم ئەرباكان بىلەن باشلىدىم.

مەن بىر ئاقىنچىمەن.

ئاقىنچى تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلدىم.

ئاقىنچى ياشلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىمەن.

1980-يىلى 12-سېنتەبىردىكى ھەربىي سىياسى ئۆزگۈرشتىن كېيىن قولغا ئېلىندىم، ئۆلۈم جازاسى بىلەنئەيپلىنىپ سوتلاندىم.

دېدىمغۇ، مەن بىر ئاقىنچىمەن!

قىرىق كۈن بىر مېتىر كۋادراتمۇ كەلمەيدىغان قاراڭغۇ ھۆجرىگە سولاندىم.

ئون ئالتە قېتىم سوراققا ۋە قىيناققا ئېلىندىم.

ماڭا «خىتاي قىينقىي(چىن ئىسكەنجىسىئۇيغۇلىدى.

«سېنى دارغا ئاسىمىز» دېدى.

مەن:

«ئاللاھ نىمىنى خالىسا، شۇ بولىدۇ» دېدىم.

ئۇ قاراڭغۇ كۈنلەرنى «ماماق زىندانلىرىدا بىر ئاقىنچىتارىخقا خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىمدا كەڭ بايانقىلدىم.

دېگەنمەنغۇ:

ئىسمىم مۇسۇلمان،

فامىلەم شەرقىي تۈركىستان!

مەن بىر ئاقىنچىمەن!

شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ!

تۈركىيەدە قانچە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر بار؟

سىلەر دەيسىلەر قىرىق مىڭ، مەن دەيمەن ئەللىك مىڭ!

شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، ۋەتىنىگە قايتالمىغان بىر قىز مۇنداق دېدى:

«ئۇستاد، بىزنىڭ قەشقەردىكى ئۆيىمىز قەسىرگە ئوخشايتتى. ھازىر بولسا بېشىمىزنى سۇقۇدىغان بىر يەمۇيوق

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغۇرۇرلۇق، كەمتەر، سەمىمىي ئىنسانلار.

ئۇلار باشقىلارغا دەردىنى ئېيتىشتىنمۇ تارتىنىدۇ.

رامىزان شەرىپنى پۇرسەت بىلىڭلار.

ئۇلارنى كۆرۈپ-كۈزىتىڭلار، دەستەكلەڭلار.

خەۋپسىزلىك خادىملىرى!

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قورقۇتماڭلار، قىيىن- قىستاق قىلماڭلار!

ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە كىملىك يوق.

كۆپچىلىكىنىڭ ئولتۇرۇش ئىجازىتى مەسىلىسى بار.

كۆپچىلىكىنىڭ پۇقرالىقى يوق.

ئۇلارنىڭ بالىلىرى بار.

لېكىن كىملىكى يوق.

ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشلىرى قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان. ھىچكىم ھالىنى سورمىغان

يېتىم-يېسىرلار، تول ئاياللار بار. سوتچىلار، تەپتىشلەر!

ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مۇھاجىردۇر.

مۇھاجىرلارنىڭ ھەققى بار.

مۇھاجىرلارنىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇڭلار!

پەيغەمبىرىمىز ھەم مۇھاجىر بولغانئۇنتۇماڭلار!

پەيغەمبىرىمىز مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندا، مەدىنە خەلقى، مۇھاجىر پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىلەننانلىرىنى، ئاشلىرىنى، مال-مۈلكىنى بۆلۈشىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەن.

سىياسەتچىلەر!

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىڭلار.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاقتىنى كەچۈرمەي تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىشى كېرەك.

تۈركىيە مۇسۇلمان تۈرك يۇرتىدۇر.

تۈركىيەنىڭ نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ SOS جىددى سىگنالى بېرىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەدىن كېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى توختىتىڭلار.

ئەكسىچە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىش كېرەك.

ئۇلار تۈركىيەگە نوپۇس جەھەتتە ھايات سۈيى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭلار، كۆڭلىنى ئاغرىتماڭلار!

مۇھاجىرنىڭ، مەزلۇمنىڭ كۆڭلىنى سۇندۈرۈش ياراشمايدۇ.

مەزلۇم بىلەن ئاللاھ تەئالا ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق.

بۇنى ئۇنتۇماڭلار.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى،

ئاراقاندىكى مەزلۇم خەلقنى،

غەززە ۋە ئافرىقىدىكى مەزلۇملارنى ئۇنتۇماڭلار!

ئۈممەتنىڭ ئۈمىدى،

مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدى

تۈركىيە ۋە ئەزىز مىللىتىمىزدۇر.

تۈركىيە بۈيۈك دۆلەتتۇر.

مىللىتىمىز غەيرەتلىك ۋە ئىنسانپەرۋەردۇر.

بۇنىڭغا تارىخ شاھىت.

بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.

رامىزان شەرىپ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولسۇن!

دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز قىيامەتكىچە بار بولسۇن.

ۋەسسالام.

زورنالىست خالىس ئۆزدەمىر